ئەلجەزىرە تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق ۋە ئادالەت ئىزدىگۈچىلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى
2015.02.04
خىتاينىڭ چەتئەلگە قېچىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سەلبىي تەشۋىقاتلىرى بىر قىسىم مەشھۇر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا قارىتا دىققەت-ئېتىبارىنى كۈچەيتتى.
ئەلجەزىرە مۇخبىرى ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرگە يېڭىدىن ماكانلاشقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى زىيارەت قىلغان. ئەلجەزىرەنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە تىنچلىق ۋە ئادالەت ئىزدەپ سەپەر قىلىۋاتقانلىقى ئاساسلىق تېما قىلىنغان. خەۋەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دىنىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى مەزكۇر مۇھاجىرلارنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە مەلۇم بىر مۇھاجىرنىڭ دادىسىنىڭ 10 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققانلىقى، ئۆزىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى قېتىم قاماقتا ياتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ۋە ئاۋارىچىلىكىدىن بىر كۈنمۇ خالىي بولالمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە، مەلۇم بىر مۇھاجىرنىڭ ئۆز يۇرتىدىن مالايشىياغا 3 ئايدا يېتىپ كەلگەنلىكى، تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن يەنە بىر يىلدىن ئارتۇق كۈتكەنلىكى، بۇ جەرياندا بىرقانچە سەپەردىشىنىڭ يول ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.