خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى بىكار قىلىپ، بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بوشاشتۇردى

خىتاي كومپارتىيىسى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى بىكار قىلىنىپ، بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بوشاشتۇرۇلىدىغانلىقى، ئەر-ئايال يالغۇز پەرزەنت بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر قارار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان 18-قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمى يىغىنىدا چىقىرىلغان.

دائىرىلەر يەنە كىچىك شەھەرلەردە نوپۇس كونتروللۇقىنى بىكار قىلىش، يېزا بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، مۇھىت بېجىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ماقۇللىغان.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى بىكار قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭ: بۇ ھۆكۈمەت يېقىندىن بۇيان قانۇنغا، كىشىلىك ھوقۇققا، سۆز ئەركىنلىكىگە خىلاپ نۇرغۇن ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ كەلگەن. لېكىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى بىكار قىلىنىشى ساقچىلارنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئەمگەك لاگېرغا سولاپ باستۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، دېگەن.