خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ، خىتاينىڭ ئامانلىقنى باشقۇرۇش-جازالاش قانۇنى ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش قانۇنى قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، تەدرىجىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنىڭ ۋاقتى پىشىپ يېتىلدى، دېگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ئالقىشلىغان. ئۇلار بۇنىڭ خىتاي قانۇنچىلىق تەرەققىياتىدىكى زور ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بىراق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا خىل تۈزۈم ئالغان.
مەزكۇر تەشكىلات 17-دېكابىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇنىڭ شەكلەن بىكار قىلىنغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىنى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاش مەركەزلىرى، قارا تۈرمىلەر ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش شەكىللىرىنىڭ ئالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.