خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىپ، باشقا جايلارغا يۆتكەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە «تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ياخشىلاش» دېگەن باھانە بىلەن «13-بەش يىللىق پىلان» ئىچىدە پۈتۈن رايوندىكى شەھەر-بازارلاردا 1 مىليون 281 مىڭ يۈرۈش ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، «ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆيلەر تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنىڭ تىنچ ياشاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى،» دەپ مەدھىيىلەنگەن.
ھالبۇكى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى مەلۇم بىر رايونغا توپلاش، ئۇلارنى ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئىلگىرى بۇ ھەقتە قۇمۇلدىكى تاغلىق رايونلاردا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەل مۇشۇنداق ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
يۇقىرىقى خەۋەردىن قارىغاندا، بۇنداق ئەرزان ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشلىرى جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتا مۇھىم قۇرۇلۇش سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاممىۋى تۇرالغۇ رايونىنىڭ 60 پىرسەنتى ئىگىلەپ بولغان ئىكەن.
ھالبۇكى، بۈگۈن يەنە خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە تارقىتىلغان يەنە بىر خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدە يېزا تۇرالغۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى 94. 54 پىرسەنتكە يېتىپ، 2020-يىلىدا 70 مىڭ 903 يۈرۈش ئۆي پۈتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆيلەر دەل خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھەقسىز بېرىلىۋاتقان ئۆيلەر بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە بېرىۋاتقان يۈكسەك ئەھمىيىتىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن جەمئىي 47 ناھىيەدە 3249 يېزا ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى، يېزا تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىپ، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، بالدۇر ئاگاھلاندۇرىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى باشلىغاندىن كېيىن ھەدەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ كېلىشكە چاقىرماقتا. ھازىر كۆچۈپ كەلگەنلەرگە بىكارلىق ئۆي، بىكارلىق يەر بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېلانلار ئوچۇق-ئاشكارا خىتاي تور بەتلىرىدە تارقالماقتا.