ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ ئاشۇرۇلىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە سالىدىغان مەبلەغنىڭ نىسبىتىنى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2017-يىللىق بىر مەبلەغ سېلىش خىزمەت لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسلىقى كۆمۈرچىلىك، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسى ھەم باشقا تۈرلەرگە 181 مىليارد سوم مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«شىنجاڭ ئېنېرگىيە تورى»دىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىلقى مەزكۇر كۆپ تۈرلۈك ئېنېرگىيە ساھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ ئۆتكەن يىلدىكىدىن 20 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلغان ئىكەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ زور ئېنېرگىيە بازىسى، بولۇپمۇ كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى بازىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئوت ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىر ۋە شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشلىرى ھەم كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلارنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي گاز، نېفىت ھەم كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرغان بولۇپ، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش»، «غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يۆتكەش»پىلانى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېلىنىدىغان تەبئىي گاز، نېفىت ۋە كۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەش مىقدارىنى داۋاملىق ئاشۇرماقتا ئىكەن. ئەمما، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بازىسى بولسىمۇ، بىراق بۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كەمبەغەل ئاھالىلار قاتارىدا سانالماقتا.