ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ۋسكېتبول چولپانلىرىنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشقا ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەى-ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان ئامېرىكا NBA ۋاسكېتبول چولپىنى ئەنەس كانتەر فرېدوم 19-يانۋارNBA دا توپ ئوينىغان سابىق خىتاي ۋاسكېتبول چولپىنى ياۋ مىڭنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىل يازدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، بىراق بۇ زىيارەت نوقۇل خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنەس كانتەر ياۋ مىڭدىن بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئۇيغۇرلار قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان لاگېرلارنى؛ قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق ۋە خورلاشقا ئۇچراۋاتقان گۇناھسىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھەمدە ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىچكىي ئەزالىرى ئېلىغانلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ قانداق يوقىتىلغانلىقىنى كۆرەلەيدىغان-كۆرەلمەيدىغانلىقىنى سورىغان. ياۋ مىڭ بۇرۇن ئامېرىكانىڭ خيۇستون راكېتا كاماندىسىدا ۋاسكېتبول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ 17-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئەنەس كانتەرنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئەنەس كانتەر تەنھەركەتچىلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
ئەنەس كانتەر ياۋ مىڭغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن ھېچقانداق مەسىلەم يوق. مېنىڭ ئىشىم خۇراپىي خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ۋەھشى دىكتاتۇر شى جىنپىڭ بىلەندۇر. مەن سېنىڭ سەمىمىي تەكلىپىڭگە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداق، تەكلىپىڭنى قوبۇل قىلىمەن ۋە بۇ يىل يازدا خىتايغا بېرىپ، ھەممە يەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى خالايمەن.»
ھالبۇكى، ئەنەس كانتەر ياۋ مىڭنىڭ تەكلىپىگە قارىتا مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن: «بۇ زىيارتتە بىز ئۇيغۇرلار قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان لاگېرلارنى، قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، خورلاشقا ئۇچرىغان گۇناھسىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت ئۇلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى ئالغاندىن كېيىن دەلىل قالدۇرسلىق ئۈچۈن جەسەتلىرىنى قانداق يوقاتقانلىقىنى كۆرەلەمدۇق؟ ياكى بىزگە پەقەت تەشۋىقاتنىلا كۆرسىتەمسىلەر؟» دەپ سوئال قويغان.
ئەنەس كانتەر يەنە ئۆزلىرىنىڭ تىبەت ۋە خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ گۈزەل تىبەت خەلقىغە نېمىلەرنى قىلغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەتلەرنىڭ كىملىكى، دىنى، مەدەنىيىتىنى قانداق يوقىتىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ياۋ مىڭنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە يەنە خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن شەھەر بولغان خوڭكوڭدا ھازىر ئەركىن ئاخباراتنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقى، ھەق-ھوقۇقنى باستۇرۇش، قولغا ئېلىشنىڭ ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى تەكلىپ قىلغان.
ئەنەس كانتەر سۆزىنىڭ ئاخرىدا يەنە ياۋ مىڭنى ئۆزى بىلەن بىللە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا، تەيۋەنلىكلەر ھەر كۈنى خىتاينىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ياشىسىمۇ، بىراق دېموكراتىيەنىڭ تەيۋەندە قانداق ياشنىغانلىقى، شۇنداقلا تەيۋەن خەلقىنىڭ شات-خورام چىرايىنى بىرلىكتە كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. ياۋ مىڭ 17-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئەنەس كانتەر ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ئۇ توغرىلىق ئاڭلىغان. بىراق مەن ئۇنى تونۇمىغانلىقىم ئۈچۈن باھا بەرمەيمەن… ئەگەر پۇرسەت بولسا، مەن ئۇنى خىتايغا تەكلىپ قىلىمەن. شۇندىلا ئۇ بىزگە قارىتا ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ،» دېگەن.