ئەنەس كانتەر مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇر ئېلىغا قىلىدىغان زىيارىتىدە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان
2022.04.07
تونۇلغان ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى ئەنەس كانتەر فىرىدوم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنەس كانتەر فىرىدوم «جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە، مىشېل باچېلېتنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ پۇرسەتتە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆزگىرىشكە موھتاج، ئەمدى ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. ئۇ بۇ ئىشلارغا دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمما مېنىڭ مىشەل باچلېتقا دېمەكچى بولغىنىم، بۇ توغرىلىق گەپ ئەمەس، ھەرىكەت قىلىڭ.»
ئەنەس كانتەر يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەيىبلەش ئەلۋەتتە ياخشى، ئۇ دىققەت قوزغايدۇ بىراق ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بىزنىڭ ساقلاشقا ۋاقتىمىز يوق، كىشىلەر ئۆلۈۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»
مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك بولغان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى ئىزچىل كېچىكتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 192 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە ئىمزالىق خەت يېزىپ، مىشېل باچېلېتنى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا قىستىغاندىن كېيىن، ئۇ تۇيۇقسىز بۇ يىل 5-ئايدا خىتايغا تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەمما ئولىۋىيا ئېنوسكە ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى غوللۇق تەتقىقاتچىلار مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇر دىيارىغا بارماسلىققا چاقىرىپ، بۇ زىيارەتنىڭ «قۇرۇق زىيارەت» بولۇش بىلەنلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىشېل باچېلېت زىيارىتى» نى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، بۇنى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشىدىكى ۋاستە قىلىۋالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشمەكتە.