ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغۇچى ئامېرىكالىقلار «بوستون كېلىتلىقلار» كوماندىسىنىڭ ۋاسكىتبول چولپىنى ئەنەس كانتەرنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.
26-ئۆكتەبىر كۈنى NBA چولپىنى ئەنەس كانتەرنىڭ كوماندىسى بىلەن ۋاشىنگتون ۋىزاردس كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقە نەق مەيدانىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئامېرىكالىقلار قوللىرىدا «ئەنەس كانتەرگە رەھمەت» دېگەن خەتلەرنى ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن.
ئەنەس كانتەرنىڭ مۇسابىقىسىدا ئۇنىڭغا مەدەت بەرگىلى بارغانلار ئارىسىدا تىبەتلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئەنەس كانتەرنىڭ تىبەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتىگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئەنەس كانتەر خىتاينىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تەنقىدلەپ، بىر سىن فىلىمى تارقىتىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سىن فىلىمىنى تارقىتىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىشىقا چاقىرغان. ئەنەس كانتەر مەزكۇر سىن فىلىمىدە يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى خىتايدىن ئالىدىغان سودا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۆز دىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.
25-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنەس كانتەر يېڭى سىن فىلىمىنى تارقىتىپ، نايكى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە ئۇنى بۇ ھەرىكىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.