خىتاي يەكەن ناھىيەسىدە خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلېكتر خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش بازىسى قۇرغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلېكتر خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش بازىسى قۇرغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «خىتاي دۆلەتلىك يادرو سانائىتى گۇرۇھى» مەبلەغ سالغان مەزكۇر ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇش تۈرى پۈتۈپ، بىر مىليون كىلوۋاتلىق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى 13-ئىيۇلدىن باشلاپ تولۇق ئىشقا كىرىشكەن. بۇ خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلىغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئىلىنى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ تولۇق سىغىمچانلىق تورىنى ئۇلاش مۇراسىمى 13-ئىيۇل كۈنى يەكەن ناھىيەسىدىكى قۇياش باتارىيەسى سانائەت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ھالبۇكى چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ كۈنتاختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ دەسلەپكى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىپ كەلدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 800 مىڭ كىلوۋاتلىق ئېنېرگىيە ساقلاش سىغىمچانلىقى بارلىقى، قوشۇمچە ئېنېرگىيە ساقلاش پونكىتىنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ 200 مىڭ كىلوۋات سائەتتىن 800 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ قۇرۇلۇش كۆمۈر سەرپىياتىنى ئازايتىپ، ھاۋاغا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، لېكىن يەكەندەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى نازۇك بولغان بىر رايوندا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت ۋە يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكى ھەم ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان باشقا ئىجتىمائىي تەسىرى ئەندىشە قوزغىماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر قەشقەردە 2 مىليون 884 مىڭ كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى قۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ، 785 مىڭ كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى قۇرۇلماقتا ئىكەن.