دىلرەبا دىلمۇرات «ئەڭ گۈزەل 100 چىراي» قاتارىغا كىردى

ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەتلەردىن بولغان «مۇستەقىل تەنقىدچىلەر» شىركىتى ئەستايىدىل تاللاپ چىققان 2017-يىللىق «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 چىراي»نىڭ تىزىملىكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇرلاردىن دىلرەبا دىلمۇرات بۇ ئىسىملىكتە 26-ئورۇنغا تىزىلغان.

«مالايسىيا تور دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىللىق تاللاشتا ئۇتۇپ چىققانلار ئارىسىدا ئاسىيا نەسلىدىن بولغانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ھېسابلىنىدىكەن. فىلىپپىنلىق كىنو ئارتىسى لىزا سوبېرانو بۇ يىلقى ئىسىملىكتە 1-لىكنى ئالغان. دىلرەبا دىلمۇراتنىڭ ئىسمى خىتايچە پىنيىن تەلەپپۇزىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز بىلەن «خىتايدىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن» دېگەن ئالاھىدە ئىزاھات بىلەن بىرگە بېرىلگەن.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، دىلرەبا دىلمۇرات 1992-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، خىتايدا ئىشلەنگەن بىر نەچچە فىلىمدا رول ئالغان ئىكەن. ئۇ باش رول ئالغان «ئانارخان» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى 2013-يىلى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ فىلىم ۋەقەلىكىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن چەتنىگەن سۈنئىي توقۇلمىلارنىڭ كۆپ بولۇشى، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر فىلىمدىكى سىياسىي تەشۋىقات مۇددىئاسىنىڭ بارچە ئامىللار ئۈستىگە قويۇلۇشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن» دەپ بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىدىن نارازى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «مۇستەقىل تەنقىدچىلەر» شىركىتى 1990-يىلىدىن بۇيان بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق كىنو چولپانلىرىدىن تارتىپ ئادەتتىكى كىشىلەرگىچە بولغان خانىم-قىزلاردىن 85 مىڭ كىشى بۇ تاللاشقا قاتنىشالايدىكەن. نومۇر قويۇشتا كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ باھاسى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن. ھازىرغىچە ھەر يىللىق تاللاشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدىغانلار بىر مىليارد ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.