خەلقئارا تاراتقۇلار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىشى خىتاينى تېخىمۇ مەنپەئەتلەندۈرىدۇ، دەپ قارىماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىشىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن.

گەرچە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئەنگىلىيەنى داۋاملىق ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوينىدا قەپ قېلىشقا ئۈندىگەن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ «بىرلىككە كەلگەن ۋە مۇقىم بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى» نى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار خىتاي سوقۇۋاتقان چوتنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جاڭ لىخۇا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئىنكاسىغا قارشى ھالدا مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېرىشىدىغان بىر چوڭ پايدىسى شۇكى، جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان قويۇق سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ بىۋاسىتە بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسۇن ۋە ياكى ئەنگلىيە بولسۇن، جۇڭگو بىلەن بولغان ئەڭ ياخشى ھەمكارلىقنى ساقلاشقا ئېھتىياجلىق.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، جۈملىدىن ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلەردىكى قويۇق مۇناسىۋەتلىرى شەك-شۈبھىسىزكى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇمشىتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكى بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپانى ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بازار ھېسابلايدىكەن.