خىتاي خوڭكوڭ ھەققىدىكى «ئەنگىلىيە-خىتاي ئاخباراتى» نىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 1984‏-يىلى ئىمزالانغان خوڭكوڭنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى «ئەنگىلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى» نىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا تەكىتلەپ، «ئەنگىلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى بىر تارىخىي ھۆججەت. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭنى ئىدارە قىلىشىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق زورلاش كۈچى قالمىدى» دېگەن. لۇ كاڭ بۇ سۆزنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭغا يېتىپ بارغان كۆنى قىلغان.


رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ خوڭكوڭدا «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» نى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تۈزۈم «پۈتۈن دۇنيا» نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق لۇ كاڭنىڭ سۆزى، بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىدە سەمىمىي ئىكەنلىكىگە گۇمان پەيدا قىلغان. شى جىنپىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ئاپتونوم رايوننى زىيارەت قىلغان.

1984‏-يىلى، خىتاي باش مىنىستىرى جاۋ زېياڭ بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى مارگارېت تاچېر ئىمزالىغان «ئەنگلىيە -خىتاي قوشما ئاخباراتى» دا خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا، ئۇنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىنى 50 يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى لۇ كاڭنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئەنگىلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى» نىڭ ھازىرغا قەدەر قانۇنى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، «ئۇ، ب د ت دا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان قانۇنىي زورلاش كۈچىگە ئىگە شەرتنامە. ئۇ داۋاملىق كۈچكە ئىگە. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قول قويغان بىر تەرەپ بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ» دېگەن.