خىتاي ئاخباراتى ئەنگلىيە مىنىستىرى ئوسبورننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىنى ماختىدى

خىتاي دۆلەت ئاخباراتى ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى جورج ئوسبورننىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ماختاپ، «ئوسبورن بىر مەدەنىي دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭ قائىدە يوسۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىدا يەنە، چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن زىتلاشماسلىقى كېرەك» لىكىنى ئەسكەرتىپ، ئوسبورن «بىر مالىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە جۇڭگوغا سودا پۇرسىتى ئىزدەپ كېلىشى، ئۇ قائىدە يوسۇنلۇق بولۇشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ماقالىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 24‏-سېنتەبىر ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ئوسبورننى تەنقىد قىلىشىغا قارىتىپ يېزىلغان.

ئوسبورن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ دەل بىر يىللىق كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى كېيت ئاللېن، ئوسبورننىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. كېيت ئاللېن، «ئۇ بۇ ئارقىلىق ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدا مۇرەسسە قىلىشقا مايىل، دېگەن خاتا سىگنال بەردى» دېگەن.

لېكىن ئوسبورن ب ب س غا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دائىرىسىدە، بىز جۇڭگونىڭ نامرات رايونلىرىدىكى بالىلارغا قانداق ياردەم قىلالايمىز، دېگەن نۇقتىنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.