تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىىن تارتىۋېلىنغان پاسپورتىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان خىتايدىكى ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي 30 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئىنستاگرام ۋە تۋىتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 6 ئايلىق زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەي ۋېيۋېي يەنە ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا بەرگەن 9 - سېنتەبىردىن 29 - سېنتەبىرگىچە بولغان 20 كۈنلۈك ۋىزىنىڭ فوتو كوپىيىسىنى تورغا يوللىغان. ئەي ۋېيۋېي تورغا يوللىغان ئىنكاسىدا يەنە، ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ قەدەر قىسقا ۋاقىت ئەنگىلىيە خان جەمەتى سەنئەت ئىنىستىتوتىدا بۇ يىل 19 - سېنتەبىردىن 13 - دېكابىرغا قەدەر ئۆتكۈزىلىدىغان ئەي ۋېيۋېي ئەسەرلىرى سەنئەت كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق خىزمىتى ئۈچۈن يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەرمىسىدە باشتىن - ئاخىر ئەنگىلىيىدە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«ئەنگىلىيىنىڭ ئەي ۋېيۋېينىڭ ۋىزا ۋاقتىنى 9 - سېنتەبىردىن 29 - سېنتەبىرگىچە قىلىشى، ئۇنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 10 - ئايدىكى ئەنگىلىيە زىيارىتى مەزگىلىدە ئەنگىلىيىدە تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئەي ۋېيۋېي ئەنگىلىيە خان جەمەتى سەنئەت ئىنىستىتوتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشالمىسا، بۇ ئەھۋالمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئەنگىلىيە زىيارىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېگەن بايانلار بېرىلدى.