ئەنگىلىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە پاناھلىق مەسىلىسى توغرۇلۇق ھۆكۈمەتكە سوئال قويغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.18

ئەنگىلىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى داۋىد لورتون (David Lorton) ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىدىغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش» قارارىنىڭ ئەنگىلىيەدە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى توغرۇلۇق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە سوئال قويغان.

17-نويابىر كۈنى داۋىد لورتوننىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزمۇندىن قارىغاندا، داۋىد لورتوننىڭ بۇ سوئاللىرىغا ئەنگىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتى ئىشلىرىغا مەسئۇل كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەھمەد (Ahmad) جاۋاب بەرگەن.

 ئۇ داۋىد لورتوننىڭ  ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىنى قانچىلىك ئىجرا قىلالىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت چىقىۋاتقان پاكىتلارغا، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلدۇق ۋە ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەدبىر قوللاندۇق. ئۆتكەن يىل بىز ئەنگىلىيە شىركەتلىرىگە ئۇيغۇر رايونىدا سودا قىلماسلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىق، ئەگەر خىلاپلىق قىلسا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بەردۇق» دېگەن.

داۋىد لورتون يەنە تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھلىق مەسىلىسى توغرۇلۇق سوئال قويغاندا، ئەھمەد ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قەتئىي قايتۇرماسلىققا ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىپ كەلدى. بىز تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سورىدۇق. بىز يەنە ئۇلارنى خەلقئارا قانۇن-كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە داۋاملىق چاقىرىپ تۇرىمىز» دېگەن.        

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.