ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى خىتاينىڭ «ئەجەللىك تەھدىت» ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» تورىنىڭ 15-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئەنگلىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەرنى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا ناتونىڭ سابىق باش كاتىپى، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جورج روبېرتسون (George Robertson) قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر باشچىلىق قىلىدىكەن. جورج روبېرتسون خەۋپ-خەتەرنى يېڭىدىن باھالاشنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئەنگلىيە دۇچ كېلىدىغان تەھدىت ۋە خىرىسلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە چاۋشيەننى تىلغا ئېلىپ: «بىز بارغانسېرى ھەمكارلىشىۋاتقان بۇ ئەجەللىك تۆت دۆلەتكە دۇچ كەلدۇق» دېگەن.
ئەنگلىيەنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى خىتاينى «دەۋر بۆلگۈچ خىرىس، ئىقتىسادىي تەھدىت» دېگەن بولسا، روبېرتسون خىتاينى «ئەجەللىك تەھدىت» دېگەن. ئۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ: «ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى خىتاينىڭ خىرىسىغا ھەقىقەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن.
بۇ قېتىم ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جون ھالېي (John Healey) ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە يېڭىدىن باھا بېرىپ، «خىتاي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ھۆكۈمەت ھالقىغان بىر ئىشتۇر، ئۇ ھەتتا دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ» دېگەن ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى بىلەن ئەنگلىيە ئىقتىسادىنى تەڭ گۈللەندۈرۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.