تەتقىقاتچىلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىدى
2024.10.31
2021-يىلى ئەنگلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»گە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئۇلار ماقالىسىدە، 2021-يىلىدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»دە گۇۋاھلىق بەرگەن نۇرغۇنلىغان جاسارەتلىك شەخسلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ۋەھشىيلەرچە قىيناش قاتارلىق ۋەھشىي سىياسەتلىرى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى؛ مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ مانا مۇشۇ دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جەزملەشتۈرگەنلىكىنى؛ شۇنداقلا مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى چىقارغان بۇ ھۆكۈمنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى سىياسەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكتور گىللىيان خۇگ، دوكتور شارلوت بۇرك، دوكتور جۇلىيا نېلكى ۋە جۇلىيا گرانۋىل قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان تەتقىقاتچىلار مەزكۇر بىرلەشمە ماقالىسىدە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى سىئوبايىن ماكدوناگنىڭ 2023-يىلى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر تارىخىي مەسئۇلىيەتتىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، چۈنكى بۇ قېتىم ھېچكىم ‹بىزنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىمىز يوقكەن› دېيەلمەيدۇ» دەپ يازغان.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لامى 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا دوكلات بەرگەندە، ئۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى كۈچلۈك سوئالغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ بۇ سوئالغا «مەن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتىمەن. بىراق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھۆكۈمەتلەر ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەن.