ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان خىتاي كامېرالىرىنى ئالماشتۇرۇۋەتمەكچى بولغان

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ۋە ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىۋاتقان تەقىپ-نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ھەمدە ئۇلارنى ئالماشتۇرۇۋەتمەكچى بولغان.

Bollyinside تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمكارلاشقان خەيكاڭ كامېرا شىركىتى (Hikvision) ۋە داخۇا شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئورنىتىلغان كامېرالىرىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان. بۇ كامېرالار ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكى، ئەمگەك ۋە پېنسىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە ساقچى ئىدارىسىغا ئورنىتىلغانىكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان شۇ كامېرالارنىڭ ۋاسىتىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەيبلىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ تەقىپ-نازارەت ئۈسكۈنىلىرىگە چىراي تونۇش ئىقتىدارلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەر ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كەڭ-كۆلەمدە ئورنىتىلغان. بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىپ-نازارەت قۇرۇلۇشىنىڭ 11 تۈرى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، سودىلىشىش سوممىسى ئاز دېگەندە 1 مىليارد 200 مىليونغا يېتىدىكەن.