ئەنگلىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كامىرون، ئۇيغۇرلارنى قوللىشى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان بەش نەپەر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەن. رىشى سۇناك بېيجىڭنىڭ بۇ كىشىلەرگە جازا قويۇشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كۆرۈشۈشتە خوڭكوڭ تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى جىمىي لەي، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتايغا تايىنىپ قېلىشى، تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان. خەۋەرلەردە يەنە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينى ئەنگلىيەنىڭ «چەت ئەل تەسىر كۈچىنى تىزىملاش قائىدىسى» گە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى ھەرىكىتىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

بۇ كۆرۈشۈش، بەزى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيەنىڭمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق چەكلەشنى، بولمىسا ئەنگلىيە خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان. «خەلقئارا پارلامېنتلار ئارا خىتاي بىرلەشمىسى» نىڭ X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باش مىنىستىر رىشى سۇناك بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كامىرون 8-ئاپرېل ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتا ئەزاسى دەيۋىد ئالتون، بارونە ھېلېنا كىنىدى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىر ئىئايان دانكۇن سىمىت، نۇسرەت غەنى ۋە نېئىل ئوبېرايىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ سىياسېئونلار ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئويغان. خىتاي دائىرىلىرى، ئەنگلىيەنىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارى بىلەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» گە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە قارشى، بۇ بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى جازالىغان ئىدى. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامىرون X تىكى ھېسابىدا، «بىز خىتاينىڭ ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى جازالىشىدىن داۋاملىق چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتامىز» دەپ كۆرسەتكەن.