ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتاينى پولات ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشقا دەۋەت قىلغان

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خامموند خىتاينى ئەنگلىيە پولات زاۋۇتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىكى پولات ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشقا دەۋەت قىلغان.

فىلىپ خامموند خوڭكوڭدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇرۇپ شەنبە كۈنى خىتايغا كەلگەن ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ، ئەنگلىيەنىڭ پولات زاۋۇتلىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان.

خامموند بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاينى پولات ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە چاقىرىدىم. ئەنگلىيە دىققتىنى پورت تالبوت ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پولات سانائىتىنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى.»

ئۇ يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئەنگلىيە پولات ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ياۋروپا پولات مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان باجنى 46 پىرسەنت ئۆستۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن،ئەنگلىيەدە مەشغۇلات قىلىۋاتقان تاتا پولات شىركىتى ئەنگلىيەدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى ۋە بىر قىسىم زاۋۇتلىرىنى تاقىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئەنگلىيەنىڭ پولات سانائىتى مەركىزى پورت تالبوت رايونىدا نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەۋەپ بولغان.

فىلىپ خامموند جۈمە كۈنى خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولغان ۋە ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.