ئەنگلىيەنىڭ رىشى سۇناك ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەنگلىيەدىكى «Byline Times» گېزىتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەمگەك ھەقلىرىنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان (ئۇيغۇر) مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەدە سېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىدى، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەمگەك ھەقلىرىنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە بۇ جەھەتتە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئارقىسىدا قالغان بولۇپ، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتە بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگلىيەدە تۆكمە قىلىپ سېتىلىش خەۋپىنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان بۇ تەنقىد ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېيمىس كلىۋېرلىينىڭ بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال خىتاينى زىيارەت قىلىپ، زىيارەتتە «ئەنگلىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىغا بولغان كۈچلۈك تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكى» نى بىلدۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياردەم تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە شىركەتلەر، ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت «زامانىۋى قۇللۇقنى چەكلەش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىشقان. خەۋەردە يەنە ئەنگلىيەدە سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى خىتايدا پاختىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغانلىقىنى، كۈنتاختىغا كېتىدىغان پولىسىلىكون مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇتنىڭ «Byline Times» غا ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇتلۇقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن كەلگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ قاراڭغۇ تارىخىي بار» ئىكەن. ئەنگلىيەدىكى پارچە ساتقۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىللىك ئورگانى بولغان «ئەنگلىيە پارچە سېتىش بىرلەشمىسى» بولسا ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نازارەت قانۇنى چىقىرىشىنى، قۇللار ئەمگىكىگە قارشى مۇستەقىل كومىسسار تەسىس قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.