ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالىشىيا كېيرنىس (Alicia Kearns) خانىم ئەنگلىيەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك تەدبىر تۇرغۇزۇپ چىقىشقا چاقىرغان.
ئالىشىيا خانىم ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ 2021-يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈش بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن چىقىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر ئەنگلىيەمۇ دەرھال مۇشۇنداق ئىمپورت چەكلىمىسى تۇرغۇزۇپ چىقمايدىغان بولسا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان يەرگە (dumping ground) ئايلىنىپ قالىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ «X» تىكى ھېسابىدا قىلغان سۆزىدىمۇ، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى «كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى» ناملىق كۈنتاختا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دائىر تولۇق مەلۇماتلار بار تۇرۇقلۇق، ئەنگلىيەنىڭ بۇ شىركەتكە ئۆزىنىڭ مۇھىم مىللىي ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىغا يول قويۇشىنى «ساراڭلىق» دەپ تەنقىدلىگەن.
ئالىشىيا كېيرنىس خانىم ئەسكەرتىپ «ئۆزىمىزنىڭ ئىمپورت كونتروللۇقى بولمىسا، ئەنگلىيە دۇنياۋى يۈزلىنىشتىن چەتنەپ كېتىدۇ. بىز خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە مېڭىشىمىز ۋە كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنى جىددىي ھالدا تازىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.