ئەنگلىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىككە «دەۋر بۆلگۈچ» خىرىس ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە باشمىنىستىرى رىشى سۇناك 12-مارت يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى، ھەربىي تەرەققىياتى دۇنيا تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىگە «دەۋر بۆلگۈچ» خىرىس ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 6 مىليارد دوللار قوشۇمچە ھەربىي خام چوت ئاجرىتىپ، ئۆزىنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى فلوتى ۋە ئ‍وق-دورا زاپىسىنى كۆپەيتىش، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھىدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

«ۋول سچېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىشى سۇناك خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇ بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بىر دۆلەت. مېنىڭچە ئۇ ئ‍ۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى دۆلەت ئىچىدە تېخىمۇ دىكتاتورلاشماقتا، تاشقىرىغا قارىتا تېخىمۇ ئەسەبىيلەشمەكتە. خىتاينىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ غەرىزى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار خىتاينى ئۆزلىرىنىڭ ئ‍ىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت، دەپ تونۇپ يەتكەن.

لېكىن رشى سۇناك، شۇنداقتىمۇ ئەنگلىيەنىڭ ھاۋا كىلىمات مەسىلىسىگە ئ‍وخشاش مەسىلىلەردە بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زۆرۈر تېپىلسا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينى «ئ‍ارقىغا چېكىندۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، تەرەققىيات ۋە تاشقى سىياسىتىنى كەڭ دائىرىدە كۆزدىن كەچۈرمەكتىكەن. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتى 13-مارت كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى، دوكلاتتا خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئەنگلىيە «خەلقىگە، گۈللىنىشىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ساھەلەر» دە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن. رىشى سۇناك يۇقىرىقى سۆزلەرنى 12-مارت ئامېرىكاغا مېڭىش سەپىرىدە ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، رىشى سۇناك 13-مارت ئامېرىكانىڭ ساندياگو شەھىرىدە پرېزىدېنت بايدېن ۋە ئاۋسترالىيە باشمىنىستىرى ئالبانېز بىلەن ئۇچراشقان.