ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 15-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2022-يىل دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان ئالىم-تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تارىختا ئەڭ كۆپ قېتىم رەت قىلغان؛ 2016-يىل رەت قىلغان ئادەم 13، 2020-يىل رەت قىلغان ئادەم 128 بولغان بولسا، 2022-يىل رەت قىلغان ئادەم بىراقلا 1104 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كەلمەكچى بولغان 839 ئوقۇغۇچى، 265 تەتقىقاتچى ئالىم بار ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشلىچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان پەن-تېخنىكا ئالاقىسىدە تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى ئىكەن. ئەنگىلىيە ئىستىخبارات 5-باشقارمىسى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيەدىكى ئاساسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتايغا ئىشىكىنى تاقىغان. بىر ھۆكۈمەت مىنىسىتىرى خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىر بىئولوگىيە شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيە ساغلاملىق مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ گېن ئۇچۇرلىرى ئامبىرىغا كىرگەنلىكىنى ئەيبلىگەن.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەمىنلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، ئېمپېرىيە سانائەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر رەت قىلغان ئالىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن. ئېمپېرىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەپ يۈرۈۋاتقان 5 خىتاي ئالىمى داۋاملىق خىزمەت قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشەلمەي، ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئەنگىلىيە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسىسلىرى خىتايغا قارىتىلغان بۇ خىل دىپلوماتىك ئۆزگىرىشنىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتىنى ماختىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدىن قانچە ئاز تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچى كەلسە، ئەنگىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن.