ئۇيغۇرلارنى قوللاش سەۋەبىدىن خىتاينىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى جىبۇتىدىن چىقىرىۋېتىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.29

ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاش سەۋەبىدىن خىتاينىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى تىم لوفتون (Tim Loughton)، خىتاينىڭ شەرقىي ئافرىقادىكى ئىتتىپاقدىشى جىبۇتىدا تۇتقۇن قىلىنىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان جىم لوفتون، ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدە خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن 2021-يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تىم لاوفتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە نەپەر ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزگەن ئىدى.

ئەنگىلىيە LBC رادىيوسىنىڭ 28-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، تىم لوفتون قىسقا مۇددەتلىك بىر زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جىبۇتىغا قونغاندا ئايرودۇرۇمدا تۇتۇپ قېلىنغان ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ جىبۇتى چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

LBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىم لوفتون ئەنگىلىيەنىڭ «تېلېگراف» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، «بۇ ۋەقە جازالاشقا ئۇچرىغان يەتتە نەپەر ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 3 يىلدىن بېرى ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى» دەپ كۆرسەتكەن. تىم لوفتون «تېلېگراف» گېزىتىدىكى ئوبزوردا مۇنداق دەپ يازغان: «لېكىن بۇنى بىزنىڭ غەربتىكى دېموكراتىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمىزدا بىز قوللىغان مىليونلىغان تىبەت، ئۇيغۇر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقىلارنىڭ نەچچە ئون يىللار مابەينىدە ئۇچراۋاتقان زوراۋانلىق، قىيىن-قىستاق ۋە قاتىللىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئەلۋەتتە ئەرزىمەس بىر ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، جىبۇتى شەرقىي ئافرىقادىكى كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىدىن چوڭ مەنپەئەت ئېلىۋاتقان دۆلەت ئىكەن. خىتاي جىبۇتىنىڭ يېڭى تەنتەربىيە مەيدانى، دوختۇرخانىسى ۋە پورت قۇرۇلۇشىنى بىر مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە جىبۇتى خىتايغا بىر مىليارد 400 مىليون دوللار قەرزگە بوغۇلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.