خىتاينىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت سودىسىدىكى مۇھىم شېرىكلىىردىن بىرى ئەنگلىيە بولۇپ، يېقىندا بۇ جايدىمۇ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئېكىسپورت سودىسىنى قايتا ئويلىنىش چاقىرىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
«تېز پويېز» گېزىتىنىڭ 12-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئالىسا كېرنىس مەزكۇر گېزىت بىلەن بولغان سۆھبەتتە «بىز ئەنگلىيەدىن خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا ئىشلىتىلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىمەكتىمىز» دېگەن. شۇنىڭدەك بورىس جونسۇن باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان ئېكىسپورت سودىسىدا بۇ نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ داۋامىدا «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزىدىكى نىقابنى يىرتىپ تاشلاپ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئاتلاندى. بۇنداق ئەھۋالدا بىز بۇ قاباھەتلىك جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇپ قالماسلىققا تىرىشىشىمىز لازىم» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالىسا كېرنىس ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ئۈزېل-كېسىل بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە مۇمكىن بولسا خىتاي بىلەن بولىدىغان ئېكىسپورت سودىسىغا خاتىمە بېرىشنى تەكلىپ قىلغان.