ئەنگلىيەنىڭ كۈندىلىك مەكتۇپلار گېزىتى (Daily Mail) نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئەنگلىيەدە «سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى باشلىقلار يىغىنى» چاقىرىلغان. بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋۇ جاۋخۇي تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تېخى يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى يەنى 1-نويابىر كۈنى ئەنگلىيە ئىلىم-پەن مىنىستىرى مىشېل دونېلان بىلەن بىللە نۇتۇق سۆزلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنى يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن تەقىبلەپ نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، لاگېرغا قاماۋاتقانلىقى، گېن ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە يىغىۋاتقانلىقى ۋە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەتتا بۇنداق تېخنىكىلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆپلەپ ئېلان قىلىنغانىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق رىشى سۇناكنىڭ خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا مىنىستىرىنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىشى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم كۈندىلىك مەكتۇپلار گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇنجى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، باش ۋەزىر رىشى سۇناكنىڭ ھەرىكىتىنى «زۇلۇمغا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق خورلۇققا دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بىر شاپىلاق» دەپ ئاتىغان. ئۇ يەنە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرىدىغان تېخنىكا ياساپ چىققان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىتلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2023-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ خۇدا گۇرۇھى (BGI) نىڭ ئىككى تارماق شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ھەمدە خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇندىن سىرت پرېزىدېنت بايدېن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) دىكى سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشى ۋە سودا قىلىشىغا چەكلىمە قويغانىدى.