خىتاينىڭ لوندون شەھەر مەركىزىگە «دەرىجىدىن تاشقى ئەلچىخانا» سېلىش پىلانى توسۇۋېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.02

خىتاينىڭ لوندون شەھەر مەركىزىدە، لوندون كۆۋرۈكى مۇنارىغا يېقىن جايدىكى كونا خان جەمەتى پۇل قۇيۇش زاۋۇتىنىڭ ئورنىغا «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا» سېلىش ئىلتىماسى، كەسكىن قارشىلىق ۋە لوندون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ئ‍ىختىلاپ ئىچىدە رەت قىلىنغان. ئەنگلىيە «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لوندون شەھەر مەركىزىنىڭ توۋېر ھاملېتس رايونلۇق كېڭىشى بىلەت تاشلاپ، بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ نەچچە يۈز مىليون دوللار خەجلەپ، مەركىزى لوندوندا «دەرىجىدىن تاشقى ئەلچىخانا» سېلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.

توۋېر ھاملېتس رايونلۇق كېڭىشىنىڭ قارارى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك، ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى «ئالتۇن دەۋرى» ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 24-نويابىر ئوت ئاپىتى، خىتاينىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ۋاقىتتا ماقۇللاندى. «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ لوندون شەھەر مەركىزىدە قۇرماقچى بولغان ئەلچىخانىسى ئەنگلىيەنىڭ ئاساسلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرى جايلاشقان ۋېستمىنىستېردىن پەقەت 3 كىلومېتىر يىراقتا بولۇپ، خىتاينىڭ ھازىرقى ئەلچىخانىسىدىن 10 ھەسسە چوڭ بولغان بۇ قۇرۇلۇش، ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانا قۇرۇلۇشى ئىكەن.

بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، بۇ رايوننىڭ تارىخى خاراكتېرى ۋە بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك زور تالاش-تارتىش قوزغىغان. بۇ يىل 10-ئايدا خىتاينىڭ مانچىستېردىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلغان ئۆكتىچىلەر كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كونسۇلخانا» قۇرۇلۇشىغا بولغان گۇماننى كۈچەيتىپ، بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش خىتاينىڭ «مەخپىي ساقچىخانىسى» غا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشىنى ئۇلغايتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.