ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر كاندىداتى رېيچېل رېۋېس، ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادتا خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشىنىڭ زۆرۈرلىكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى، ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادى بەرداشلىق بېرىشچانلىقى ئۈچۈن «ئويغىنىش سىگنالى» بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ خىتايغا تايىنىشى «ئەندىشە قىلارلىق» دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن مەۋجۇت ۋەزىيەتتە، ئەنگىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش كېرەك ئىكەن.
ئەنگىلىيە «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ 8-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، رېيچېل رېۋېس «زۆرۈر ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداشتا قىممەت قارىشىمىزنى ئورتاقلاشمايدىغان دۆلەتلەرگە ھەددىدىن زىيادە باغلىنىپ قالدۇق. رۇسىيە بىلەن بولغاندەك گېزى كەلسە ھەممە نەرسە توختايدىغانلىقىنى بايقايسىز» دېگەن. رېيچېل رېۋېس يەنە مۇنداق دىگەن: «بىز چوقۇم مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىز ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.»
ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ خىتايغا تايىنىپ قېلىشى بىلەن ئېنېرگىيەدە رۇسىيەگە تايىنىپ قېلىشىنى سېلىشتۇرۇپ، كوۋىد-19 يۇقۇمى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئەنگىلىيەنىڭ «ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ بەرداشلىق بېرىىشچانلىققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنىڭ ئويغىتىش چاقىرىقى بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، رېيچېل رېۋېسنىڭ سۆزى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭمۇ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسى قاتتىقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەمگەكچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاخىرىقى قېتىم ئەنگىلىيەدە ھاكىمىيەت سورىغان سابىق باش ۋەزىر گوردون بروۋېن دەۋرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا گوردون بروۋېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئىجتىسادىي بېغىنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى باستۇرۇشى ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبلىك ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ قاتتىقلاشقان.