ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 18-دېكابىر بىر تەۋسىيە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئەنگلىيە ئۈچۈن تەھدىت، دەپ بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەنگلىيە ئۈچۈن «نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاتلاملاردا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا» ئىكەن. دوكلاتتا، شۇڭا تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇنىۋېرسال سىياسەت باھالاش ھۆججىتى» دىكى خىتاي ئەنگلىيە ئۈچۈن «سىستېمىلىق رەقىب» دېگەن ئىپادىنى ئەنگلىيە ئۈچۈن «تەھدىت» دەپ ئۆزگەرتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بەزى «ھالقىلىق ساھەلەر» دە داۋاملىق ھەمكارلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشى، ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى، خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى «قورال» سۈپىتىدە قوللىنىشىغا قارشى ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق «دۇنياۋى ئويۇنچى» سۈپىتىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۈمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان چوقۇم تېخىمۇ بەرداشلىق بېرەرلىك ۋە ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە ئەنگلىيە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ياكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدۇ».
ئەنگلىيە «ساما خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دوكلاتتا بېيجىڭغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنىڭ خەۋپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ئوغرىلاش، ئەنگلىيە پۇقرالىرىغا تەھدىت سېلىش، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەتەرلىرىنىڭمۇ تەكىتلەنگەنلىكى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جەھەتلەردە خەلقئارالىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.