ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سيۇللا برېيۋىمان ( Suella Braveman) ئەنگلىيە «تېلېگراف» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە قارشى جىمجىت ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى، ئەنگلىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «نۆۋەتتە خىتاي ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىغا ھۇجۇم قىلماقتا، جۈملىدىن ئۇنىڭ سايلىمىغا ئارىلاشماقتا، كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلماقتا، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلماقتا ۋە ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۆكتىچىلەرگە زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەكتە» ئىكەن.
سيۇللا برېيۋىمان «خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە قاراتقان جىمجىت ئۇرۇشى: ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، خىتاي تەھدىتىنىڭ كۆلىمىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سيۇللا برېيۋىماننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەسىرى «غەربنىڭ چۈشەنچىسىدىكى يۇمشاق كۈچ ئەمەس» ئىكەن. بەلكى، بۇ ئۆكتىچى سادالارنى باستۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازىنى يورۇتۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «يوشۇرۇن، زورلىغۇچى، چېرىكلەشتۈرگۈچى ئۈچ قىرلىق كۈچ» ئىكەن.
سيۇللا برېيۋىمان يەنە تاغدەك دەلىللەر بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دەيۋىد لامى بۇ يىل خىتاينى زىيارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىپ، بۇ خىل مۇرەسسەچىلىك سىياسىتىنىڭ تىپىك ئۆرنىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ئىلگىرى ھۆكۈمەت قۇرسا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 7-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى خەلقئارا سوتنىڭ بېكىتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سيۇللا برېيۋىماننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي مەسىلىسى «نوقۇل دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى» ئىكەن. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ «قەتئىي مەيداندا تۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى، بېيجىڭنىڭ دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇشتا، ئۆرنەكلىك رول ئوينىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.