ئەنگلىيەدە سېتىلىۋاتقان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

يېقىندا ئامېرىكادىكى «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» تەشكىلاتى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەنگلىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 5-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى ئىسلاندىيەدە سېتىلغانلىقى، ھازىر ئەنگلىيە تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئاسمان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلاندىيەنىڭ فاستنېت بېلىقچىلىق شىركىتى بىلەن ۋېستبرىج يېمەكلىك شىركىتى خىتاينىڭ شەندۇڭدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتى- «مېيجيا گۇرۇھى» نىڭ خېرىدارى ئىكەن. ھالبۇكى، «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» نىڭ دوكلاتىدا، «مېيجيا گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، «مېيجيا گۇرۇھى» 2021-يىلى ئۆزىنىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئائىلىسىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زاۋۇتىغا كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا «ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى «مېيجيا گۇرۇھى» نىڭ زاۋۇتىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما زاۋۇت دىرېكتورى بۇ زاۋۇتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى رەت قىلغان. شۇنداقلا «مېيجيا گۇرۇھى» مۇ تورىدىكى ماقالىنى دەرھال ئېلىۋەتكەن ئىكەن. «ئاسمان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىسلاندىيەنىڭ «فاستنېت» بېلىقچىلىق شىركىتى «مېيجيا گۇرۇھى» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن خەۋەردە خىتاينىڭ يەنە بىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بولغان «چىشەن گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىدىغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ ئەنگلىيە ليونس دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، لېكىن ليونس شىركىتىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتقان. «ئاسمان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن ياۋروپاغا يوللانغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام پورتى ئارقىلىق ئەنگلىيەگە كىرىدىكەن. خەۋەردە بەزى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ روتتېردامدا قايتا قاچىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىز قوغلاشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.