ئەنگلىيە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى «تراگېدىيەلىك خاتا ھېسابلاش» خەۋپى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان

ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جېيمىس كلېۋېرلىي خىتاينى ئۇنىڭ تىنچلىق تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى مەخپىي تۇتۇشى «تراگېدىيەلىك خاتا ھېسابلاش» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

جېيمىس كلېۋېرلىي، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەندىشىسى، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىغا بولغان قايتا ئويلىنىشى، شۇنداقلا خوڭكوڭ مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قاتتىق ناچارلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جېيمىس كلېۋېرلىي بۇ سۆزلەرنى 25-ئاپرىل كۈنى لوندون شەھىرىنىڭ تارىخىي پۇل-مۇئامىلە رايونىدىكى مانسىيون سارىيىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئېيتقان. ئۇ، نۇتۇقىدا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان. جېيمىس كلېۋېرلىي، ئەنگلىيە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن «بىزار بولسىمۇ»، لېكىن ئەنگلىيە يەنىلا خىتاي بىلەن «كۈچلۈك ۋە ئىجابىي» مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، دۇنيا سودىسىنى ۋەيران قىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇنىڭ دۇنيا ۋە خىتاي ئىقتىسادىغا قارىتا «ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشى» دىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، جېيمىز كلېۋېرلىينىڭ سۆزى ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سابىق ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دەيۋىد كامىرون دەۋرىدىكى «ئالتۇن دەۋرى» ئاخىرلاشتى، دەپ جاكارلىغان باش مىنىستىر رىشى سۇناكنىڭ خىتايغا تۇتۇدىغان سىياسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، كلېۋېرلىي ئەنگلىيەنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئوچۇق ئىكەنلىكى، خىتاينى ھەربىي مۇددىئاسىدا ئېنىق بولۇشقا چاقىرىپ، «ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق، سىرلىق بولۇش پەقەتلا تراگېدىيەلىك خاتا ھېسابلاش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.