يېقىندا ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى لىز تراس (Liz Truss) ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نيۇ-يورك شەھىرىدە چىقىدىغان «بۈيۈك ئېرا» (The Epoch Times) گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لىز تراسنىڭ بۇ ئىپادىسى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق بېسىم قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
لىز تراس ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق سايلىمىغا چۈشىدىغان مۇھىم نامزاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇ كېلەر ئايدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقالىسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىدىن ھېساب سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى «بۇنىڭغا خەلقئارا سوت قارار بېرىشى كېرەك» دەپ پاسسىپ تۇرۇۋالغانىدى. لىز تراس يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمەلىيەت شۇكى، خەلقئارا سوت سىستېمىسى بۇنىڭدا رول ئوينىيالمايدۇ، بىز ئۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. شۇڭا مەن بۇ ئىشتا كارغا كېلىدىغان باشقا مېخانىزىملارنى ئىشلتەلەيمىزمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە ئىزدىنىۋاتىمەن،» دېگەن.