ئەنگلىيەنىڭ كۆزىتىش كامىرالىرى نازارەتچىسى خىتاينىڭ خەيكاڭ شىركىتىنى ئۇيغۇرلار تۈپەيلى سوراققا تارتقان

ئ‍ەنگىلىيەنىڭ كۆزىتىش كامىرالىرىنى نازارەت قىلىش كومىسسارى خىتاينىڭ خەيكاڭ شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى سوراققا تارتقان. ئەنگلىيەدىكى «رېگىستېر» ناملىق تور بېكىتى خەيكەڭ شىكىتىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تارمىقى بىلەن ئەنگلىيە كۆزىتىش كامىرالىرى كومىسسارىنىڭ ئ‍ۆز ئارا يېزىشقان بۇ ھەقتىكى كەسكىن يازمىلىرىنى ئاشكارلىغان.

«رېگىستېر» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، خەيكاڭ شىركىتىنىڭ كۆزىتىش كامىرالىرى كومىسسارى، پروفېسسور فرېيزېر سامپسون بىلەن يېزىشقان يازمىلىرىدا خەيكاڭ شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق، دەپ ئەيىنلەنگەن. لېكىن خەيكاڭ شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئ‍ىنكار قىلغان.

خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۇقۇرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن توختاملىرىغا ئېرىشكەن ۋە بۇنىڭدىن زور پايدا تاپقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەت ئېرىشكەن توختاملار ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر، تۈرمە، مەسچىتلەرگە يۈز تونۇش كامېرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان. شۇ تۈپەيلى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2020-يىلى خەيكاڭ شىركىتىنى ئ‍ۆزىنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە ئالغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كومىسسار فرېيزېر سامپسون بۇ شىركەتكە يازغان بىر يازمىسىدا، ئۇنىڭ شېرىكىلىرىگە ئەۋەتكەن خېتىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكى» نى، ئۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەيكاڭنىڭ ئەنگىلىيەدىكى تارماق شىركىتىنىڭ بازار ئىشلىرى دېرىكتورى جاستىن خوللىس 10-ئاۋغۇست قايتۇرغان خېتىدە، خايكاڭنىڭ «بۇ ئىشقا قارار قىلىدىغان ھوقۇقلىق ئورۇن ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.