«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۈچ يىل ئىلگىرى لوندون شەھرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى توۋېر ھاملېتس رايونىغا كۆچمەكچى بولغان. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر رايونغا مەسئۇل شەھەر كومىتېتى ئەزالىرى بۇ رايوننىڭ ئەركىنلىك ۋە كۆپ خىللىقنى سىغدۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى كۆچىدىغان يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يول ۋە بىنالارغا «تيەنئەنمېىن مەيدانى»، «ئۇيغۇر سەيناسى»، خوڭكوڭ يولى»، «تىبەت سارىيى» (بۇدالا سارىيى) دېگەندەك ناملارنى بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ ئاۋاز بەرگەن.
بۇ تەكلىپ لوندون شەھەرلىك كومىتېتىدىكى خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئايلارچە قىلغان نۇتۇق پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇلار توۋېر ھاملېتس ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر رايوندا 38 پىرسەنتتىن كۆپ مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئەنگىليەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆز ۋاقتىدا يېڭى جايغا كۆچىدىغانلىق پىلانىنى «ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇن سەھىپىسىنى ئاچىدۇ» دەپ يۇقىرى باھالىغان؛ ئەمدىلىكتە بولسا شەھەر كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپىدىن ناھايىتى غەزەبلەنگەن. شەھەر كومىتېت ئەزالىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 22-مارت كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر رايونى توغرۇلۇق بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز شۇنى ئېنىق بىلدۈردۇقكى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى بىزنىڭ تاقەت قىلىش چېكىمىزدىن ھالقىپ كەتتى. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ خىتايغا ئېنىق سىگىنال بېرىشى كېرەك، بۇ سەل قارىغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس».
