ئەنگىلىيە پارلامېنتى سودا قانۇنىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لايىھەسىنى ئازراق پەرق بىلەن يەنە توسۇپ قويدى

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 23-مارت ئاۋاز بېرىپ، سودا قانۇنىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ماددىسىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قانۇن تۈزىتىش لايىھەسىنى ئازراق پەرق بىلەن يەنە توسۇپ قويغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيە ئالىي سوتىغا خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىنىڭ يولىنى ئاچىدىغان مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ 3-قېتىم ئاۋازغا قويۇلۇشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن تۇزىتىش لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا 300 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 318 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن توسۇپ قويۇلغان.

مەزكۇر لايىھە ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكەن ئايدىمۇ ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن رەت قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم قانۇن لايىھەسى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، ئامېرىكا بىلەن بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتتا ئاۋازغا قويۇلغان. 22-مارت قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىدا ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىدە «باشقا تەرەپكە قارىسا بولمايدۇ» دېگەن.

بىراق يىغىندا ئىشچىلار پارتىيەسىڭ كاندىدات تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى لىسا نەندى دومىنىك رابنى تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىمبارگو قارارى راب ئېيتقاندەك خىتايغا سىگنال بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىغا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قوللىماسلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن سىگنال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ دومىنىك رابنى «دەستۇرنامىلەردىكى بارلىق ھېلىلەر» نى ئىشقا سېلىپ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. مەزكۇر لايىھە ھاكىمىيەت بېشىدىكى خېلى كوپ كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.