ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى تور بېتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى 22-ئاپرېل (پەيشەنبە كۈنى) ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى بېكىتىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. نەتىجىدە ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتىراپ قىلغان. مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى رەسمىي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان. بۇ ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان 4-دۆلەت بولۇپ قالغان.
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىغان بولۇپ، بۇ تەكلىپ لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوچۇق ئېيتىلغان ھەمدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ جىنايەتنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەكلىكى چاقىرىق قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاشتىن ئۆزىنى يەنە قاچۇرغان بولۇپ، مىنىستىرلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك،» دەپ پىكىر بايان قىلىشقان.
ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى 2019-يىل 1-ئايدا ۋە 2020-يىل 3-ئايدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر قېتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر تەكلىپلەر مەلۇم ساندىكى قارشى ئاۋازلار تۈپەيلىدىن ئۆتمەي كەلگەن ۋە خىتاينىڭ جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش توغرىسىدا قارار بېرىش كېيىنگە سۈرۈلگەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشى سىياسەت ۋە ئىجرائات جەھەتتىن بىۋاسىتە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى سىياسەت تۈزۈشتە بېسىم قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئەنگىلىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە كاناداغا ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىدا زور ئەھمىيىتى بار ئىكەن.