ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى 27-ماي دۇنيادىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار» ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا، ئۇلارنى جازالاشقا چاقىرغان. بۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ يىل 22-ئاپرېل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ سادىر قىلغۇچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى مۇنازىرە قىلىشىدۇر.
يىغىندا يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لورد دەيۋىد ئالتون ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر چېن چۈئەنگونى جازالىمىغانلىقىغا سوئال قويغان. ئۇ، ئىمبارگونىڭ «خوڭكوڭ ۋالىسى كەرى لەمگە يۈرگۈزۈلىپ، بىراق تىبەتنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، ھازىرقى شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈئەنگودەكلەرگە يۈزگۈزۈلمەسلىكى بەك غەلىتىلىك» دېگەن.
يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لورد جون بروۋېن ھۆكۈمەتنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى سوت بەلگىلىسۇن، دېگەن مايدانىنى تەنقىدلەپ، «رۇسىيە بىلەن خىتاي رەت قىلىدىغان ئەھۋالدا سىز بۇنى سوت قارار قىلسۇن دېيەلمەيسىز، چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق سوت بۇ دېلونى كۆرۈپ چىقمايدۇ» دېگەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەر خىل خەلقئارا سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەرىكىتى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ خىتايغا قارشى تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تارتىشنىڭ يولىنى قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ كەلگەنىدى.