ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇنازىرە بولغان

19-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە بولغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تەپسىلاتتىن قارىغاندا، مەزكۇر يىغىندا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلەرنى خىتاينىڭ ئۆزىدىن سوراش ۋە ئۇنى خەلقئارا جامائەتكە كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغان.

پارلامېنتتىكى بۇ مۇنازىرىدە بېرىلگەن جاۋابتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبلىك يېقىندا ئەنگلىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

پارلامېنتتىكى بۇ مۇنازىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق خىتاي شىركىتى بىلەن قەتئىي تىجارەت قىلماسلىق، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا مۇنبەرلەرگە كۆتۈرۈپ چىقىشنى قوللاش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.