تۈركىيە باش مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.05.16

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 16-ماي پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

15-ماي چارشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى قارار ئېلىپ، سۈرىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئەڭ تېز مۇددەت ئىچىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بەشەر ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇشتا ئېغىر قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. 15-ماي كۈنىدىكى قارار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 107 دۆلەت ۋەكىلىنىڭ قوشۇلۇشى، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت ۋەكىلىنىڭ رەت قىلىشى، 59 دۆلەت ۋەكىلىنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن تەستىقلانغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنىي بۇ ئىككى رەھبەر سۈرىيەنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنىي يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدە ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كېرىي قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.