خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى بويىچە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2-ئىيۇلدىكى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھالبۇكى، يېقىندا تۈركىيە دىپلوماتلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ «خاتا تەرجىمە» قىلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرى ئۆتكەن ھەپتە يېپىق يىغىن ئاچقان. يىغىندا تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ «خاتا تەرجىمە» قىلىپ قوللانغانلىقىنى بايقىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنى تۈزىتىشنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم.
«شىنخۇا تورى» دىكى خەۋەردە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان. ھالبۇكى، تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلىدە «تۈركىيە شىنجاڭ خەلقىنىڭ خاتىرجەم ۋە خۇشال-خۇرام ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ يىل فېۋرالدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيلىقتىكى بۈيۈك ئوڭايسىزلىق» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئېغىز ئاچقان بىردىنبىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئەردوغاننىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدە خىتاي سىياسىتىنى ماختاپ سۆز قىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىكى مەيدانىدىن يېنىۋېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، تۈركىيە ھەر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەلقئارا بېسىملارغا دۇچ كەلگەندە ئىلگىرىكى مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بېسىمدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.