يېقىندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەرەب-ئىسلام ۋەكىللىرى ئۆمىكىنى بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن ئىسرائىل ۋە غەززە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئەينى چاغدىكى خەۋىرىدە ۋەقەنى «ئەرەب-ئىسلام ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ ئىسرائىل ۋە غەززە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭنى تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىشى ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىجابىي رولىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلغانىدى.
ھالبۇكى، «ئاسىيا قاراۋۇلى» (Asia Sentinel) ناملىق گېزىتتە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى توھ خان شىخ (Toh Han Shih) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە ماقالىسىدىن قارىغاندا، ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىن مەدەت كۈتۈشى پەقەت ۋاقىتلىق ئىش بولۇپ، خىتاي ئوتتۇرا شەرقتە ھەرگىزمۇ ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئالالمايدىكەن.
ماقالىدا زىيارەت قىلىنغان تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، «خاماس ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قوزغىغان ھۇجۇمىنى ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال ئىكەن. خىتاي ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت سېتىۋالغۇچى دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ رايوندا ھەربىي كۈچ تۇرغۇزۇشقا ئامالسىز بولغاندىن سىرت، تەسىرىمۇ چەكلىك ئىكەن» .
ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان بىر مۇتەخەسسىس «ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھازىر خىتاينى ياقلىشى خۇددى ئۇلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدىن يامانلاپ قالسىلا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلاشقىنىغا ئوخشايدۇ» دېگەن.
بىراق كۆزەتكۈچىلەر يەنە، ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە كۈچىيىۋاتقان بۇ جىددىي ۋەزىيەتنىڭ خىتايغا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.
گىرۇزىيە تىبلىستىكى ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى پىروفېسسورى ئېمىل ئاۋدالىيان گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «خىتايغا نىسبەتەن، ئىسرائىلىيە-خاماس ئۇرۇشى ھازىر داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا كىرىزىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ خىتايغا ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن قاتتىق تەييارلىق قىلىدىغان ۋە تەيۋەننى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن» دېگەن.
