قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەركىن سەمەتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان

قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەركىن سوپوكوف، 10‏-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئەركىن سەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئەركىن سەمەت 10‏-نوئايبىر كۈنى كەچ سائەت 8:00 لەردە ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ چايخانىسىدا چاي ئېچىپ ئولتۇرغاندا قوراللىق ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. گۇماندارلارنىڭ قاتىللىق قىلمىش مۇددىئاسى ھازىرغا قەدەر سىر بولسىمۇ، لېكىن ئەركىن سەمەتنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن جىنايەت مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىن قىرغىزىستان كونسۇلخانىسىغا ئائىت توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ تېپىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن سەمەت ئىلگىرى قىرغىزىستاننىڭ باتكەنت رايونىدا «ئابدۇرىز» ناملىق شىركەت قۇرۇپ، سودا بىلەن شۇغۇللانغانىكەن. بەزى خەۋەرلەردە، باتكەنتتىكى «قىرغىز-خىتاي سودا بازىرى» نىڭ ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئالتۇن سودىسى قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئايدا قىرغىزىستاندىن چەتئەل بانكىسىغا نۇرغۇن دوللار يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، قاتىللىق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان ئاپتوموبىل قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەركىن سوپوكوفنىڭ ئاپتوموبىلى ئىكەن. تۈركىيەدىكى «ھۆررىيەت» قاتارلىق گېزىتلەر ئىلگىرى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قاتىللىق ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سوپوكوفنىڭ بۇ ۋەقە سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كۆزەتكۈچىلەردە تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىگە قارىتا گۇمان قوزغىماقتا.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوف 12‏-نويابىر كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەركىن سوپوكوفنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاپتوموبىل سوپوكوفقا ئائىت بولسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىلنىڭ تاختا نومۇرى قىرغىزىستان كونسۇلخانىسىنىڭ نامىدا قانۇنسىز تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتە، قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئاساسلىق تېما ئەركىن سەمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چەتئەلگە قانۇنسىز پۇل يۆتكەش، پۇل يۇيۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىگە قارىتىلماقتا. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا قىرغىزىستاندىن 11 چەتئەل بانكا ھېساب نومۇرىغا 646 مىليون دوللار يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە ئامانلىق ئورگانلىرى قاتىللىق ۋەقەسىگە چېتىشلىق 3 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلارنىڭ ئىككىسى قىرغىزىستانلىق، بىرى سۈرىيەلىك ئىكەن.