ئەركىن تۇنىيازنىڭ مىسىر سەپىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
2017.07.11
مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەركىن تۇنىياز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى» دېگەن سالاھىيەت بىلەن مىسىردا زىيارەتتە بولغان.
خىتاينىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن تۇنىياز قاھىرەدىكى مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋۋال ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابباس شۇمان ھەمدە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئەركىن تۇنىياز يەنە مىسىردىكى «ۋەتەنپەرۋەر» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، سودىگەرلەر ھەمدە ئالاقىدار خادىملار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئۇچرىشىش ھەمدە يىغىنلاردا ئەركىن تۇنىياز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت، دىن جەھەتلەردە قانداق «غەمخورلۇق» قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى» ھەققىدە ئۇزۇن لېكسىيە سۆزلىگەن.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر، ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سەۋەبىدىن خەلقئارادا ئوتتۇرىغا چىققان خىتايغا دائىر سەلبىي تەسۋىرلەرنى ئاقلاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن، دەپ قارىماقتا.