ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ بىر قىسىم چوڭ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىپ ئېچىلغان سىنىپلارنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. 10-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭ ۋە تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن 490 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ 70 نەپەر ئوقۇتقۇچىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارنى قارشى ئالغان ئەركىن تۇنىياز ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ئەزىم قاتارلىقلار بۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەركىن تۇنىياز بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن «ياخشى تەشۋىقاتچى بولۇشنى، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھرى مۇھەببىتىنى تەشۋىق قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇ يەنە بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن «دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان تىل» يەنى، خىتاي تىلىنىڭ پايدىسىنىمۇ ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ جەرياندا يەنە مائارىپ نازىرى پەرھات ئەزىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىپادە بىلدۈرۈپ، كوللېكتىپ ھالدا قەسەم بېرىپ، ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇشقان.خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلدىن پايدىلىنىپ، يۇرتىغا قايتىپ تەشۋىقات قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ پائالىيەتنى قاتناش، مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىكەن.
ئەمما چەت 'ئەللەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلار ۋەتىنىگە قايتسا ھەر خىل سىياسىي بېسىملارغا ئۇچراش، ھەتتا پاسپورتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇقۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
