خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدە بىۋاسىتە رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا تەدبىرى قويۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگلىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقى زور ئىنكاس قوزغىدى. ئادۋوكاتلار بولسا ئۇنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن باش تەپتىشكە تەلەپلىرىنى ئەۋەتكەن.
«مۇھاپىزەتچى» (Guardian) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-فېۋرال چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئىتىنىڭ ئەنگلىيەگە كېلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ خەۋەر ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنى ھەم شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرىنى قاتتىق نارازى قىلغان. ئەنگلىيەدە تۇرىدىغان ۋە ئىلگىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرگەن قازاق لاگېر شاھىتلىرىدىن ئېرباقىت ئوتارباينىڭ ئادۋوكاتى مايكىل پولاك (Michael Polak) بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رول ئالغان ئەركىن تۇنىيازنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن ئەنگلىيە باش تەپتىشىگە رەسمىي تەلەپ ئەۋەتكەن.
پولاك مۇنداق دېگەن: «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولغان ئېرباقىت ئوتارباي ھازىر ئەنگلىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئەركىن تۇنىيازنى سوتقا بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ئەلۋەتتە ئەركىن تۇنىيازمۇ ئەنگلىيەدە ئادىل سوتلىنىش ۋە ئەيىبلەشنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە».
ئەركىن تۇنىيازنىڭ 12-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئەنگلىيەگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. «خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقى» (Ipac) دىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا بۇنداق بىر شەخسنى ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشى «ئارتۇقچە ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش» دېگەن. شۇنداقلا ھۆكۈمەتنى بۇ بىمەنە قارارى ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرغان.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ۋە: «بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى، ئەنگلىيە ۋە دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىۋاسىتە ھالدا ئوتتۇرىغا قويىمىز» دېگەن.
ئەنگلىيە پارلامېنتى 2021-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغان.