خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئىشتىراك قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 11-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بۇ ھەپتە ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادا زىيارەتتە بولىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئىشتىراك قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئ‍ئۆتكەن ھەپتە ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ ھەپتە لوندون، بىريۇسسېل قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، لوندوندا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭمۇ شىددەتلىك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغانىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكادنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرى باشلىنىش نۇقتىسى سۈپىتى، ئەركىن تۇنىيازنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى قىيىن-قىستاق ياكى جازالاش تەلەپ قىلىنىدىغان باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايەتلەردە مەسئۇلىيىتى بار-يوقلۇقىنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈشى كېرەك» دېىيىلگەن. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئەركىن تۇنياز شىنجاڭنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ياكى ئۇنىڭدىن يېقىندىن خەۋەردار» ئىكەن.

باياناتتا، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ شۈبھىسىزكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشۋىقات مەقسىتىدە پايدىلىنىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئەمەلدارلار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تاللىسا، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا شېرىك بولۇپ قالىدىغانلىقى، شۇڭا بۇنىڭغا يول قويماسلىقىى تەلەپ قىلىنغان.

باياناتتا: «ئۇلار چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدا سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» دېيىلگەن.