ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان زىيارىتى ئەمەلدىن قالغان.
ئامېرىكادىكى «سىياسەتچى» تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋەر بېرىپ، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئالدىنقى ھەپتە كۈچلۈك داۋرىڭى بولغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بۇ زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەركىن تۇنىيازنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى «كۈنتەرتىپتە ئۆزگىرىش بولدى» دېگەن سەۋەب بىلەن كېچىكتۈرگەن.
ئەركىن تۇنىيازنىڭ ياۋروپاغا كېلىدىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار ياۋروپانىڭ ئەركىن تۇنىيازنى، يەنى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق، سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ھەم كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرگەنىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئەركىن تۇنياز كېلىپ قالسا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقى مەسىلىسىنى يۈزىگە سېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېساب سورايدىغان مەيدانىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىنى خىتايغا پايدىلىق تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن ئەركىن تۇنىيازنى زىيارەت قىلدۇرماقچى بولغان، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ, كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر قەدەم ئالدىغا ماڭىدىغان ۋە ئەركىن تۇنىيازنى خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئامېرىكا 2021-يىل 12-ئايدا ئەركىن تۇنىيازنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك جازالىغان. ئەمدى ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئەركىن تۇنىيازنى باشقا «شىنجاڭ ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاش جازالىشى، ياۋروپاغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا».
«سىياسەتچى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىترلىقى ئەركىن تۇنىيازنىڭ دەسلەپكى زىيارەت پىلانىنى ئاشكارىلىمىغان ۋە بۇ زىيارەتنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بەرمىگەن. پەقەت سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ رۇسىيە ۋە ياۋروپادىكى 4 دۆلەتكە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.