ئەركىن تۇنىياز: «شىنجاڭنى خىتاينىڭ ئىككى ئىستىراتېگىيەلىك بازا ۋە بىر تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇش پىلانى تولۇق ئىجر قىلىنىدۇ»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 29-مارت خىتاينىڭ «شىنخۇا كۈندىلىك تېلېگرافى» گېزىتىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئىككى ئىستىراتېگىيەلىك بازىسى ۋە ياۋرو-ئاسىياغا چىقىشنىڭ «ئالتۇن قانىلى» غا ئايلاندۇرۇش پىلانى تولۇق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئېنىرگىيە بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بازىسى، ئالى سۈپەتلىك دېھقانچىلىق-چارۋۇچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم تەمىنلەش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇلىدىكەن.

ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ ماقالىسى غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خەلقئارالىق سودا تۈگۈنى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئەركىن تۇنىياز «شىنجاڭدا خىتايچە زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى بابىنى يازايلى» ماۋزۇلىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ «زامانىيۋىلاشقان سوتسىيالىستىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى، ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئالتۇن قانىلى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ تۈگۈنى، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتا، پۈتۈن مەملىكەت ئېنىرگىيە بايلىقىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، ئالىي سۈپەتلىك دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم تەمىنلەش بازىسى»، خىتاينىڭ «گېو-سىياسى خەپۋسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىنى قوغداشنىڭ توسۇقى بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئېيتىشىچە، 2022-يىلى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى دۆلەت چۈشۈرگەن بىر مىليون 99 مىڭ 450 مودىن ئېشىپ، 777 مىڭ توننا ئاشلىق ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئ‍وخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 80 مىليون توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلقىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرىۋەتكەن.